باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ‹‹تۆتتە ئالدىدا مېڭىش›› كېرەك

2014.07.01 14:12         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى 30 – ئىيۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خەن يۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ‹‹تۆتتە ئالدىدا مېڭىش›› كېرەك.

  بىرىنچى، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىش كېرەك. مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى بۇ ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) كادىرلارنىڭ كاللىسىنى قوراللاندۇرۇپ، چۈشىنىش ئىقتىدارى زور ئۈلگىلەردىن بولۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئورگان پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئورگان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە رەھبەرلىك بەنزىسىنى چىڭ تۇتۇپ، قوشۇننى يېتەكلىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، كۈچلۈك كۈرەش ئىستىھكامى قۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئورگان پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۈرەشچان، ئۆگىنىشچان، ئىجادچان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا ئالدىدا مېڭىش كېرەك. ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يوللىرىنى كېڭەيتىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىدىيەدە ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھېسسىياتتا ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ھەرىكەتتە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خىزمەتتە ئاممىغا تايىنىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ‹‹بېلىق بىلەن سۇدەك›› يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك.

  خەن يۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ئورگان خىزمىتى كومىتېتلىرى ۋە تارماقلارنىڭ پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لىرى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پارتىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارغا باشلامچى ۋە ئۈلگە بولۇپ، ئورگان پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇشتىكى خىزمەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر