باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامما ياپونىيەنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى بىكار قىلماقچى بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، باش ۋەزىر سارىيى سىرتىدا تەڭ كېچىگىچە نامايىش قىلدى

2014.07.01 19:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ئابى ھۆكۈمىتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش چۈشەندۈرمىسى شەكلىدە كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، بۇنىڭغا قارىتا مىڭلغان ياپونىيە ئاممىسى توكيودىكى باش ۋەزىر سارىيىنىڭ سىرتىدا ئېتىراز بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى.

  نامايىشچىلار 6-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچقۇرۇندىن باشلاپ باش ۋەزىر سارىيىنىڭ تېشىغا يىغىلىپ، «كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرايلى»، «ئۇرۇش قوزغاشقا بولمايدۇ»، «ئابى ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇپ تاشلايلى» دەپ شۇئار توۋلىغان، يۈزدىن ئوشۇق ساقچى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن مەيداندا قاراۋۇللۇق قىلغان. كەچ سائەت 10 ئەتراپىدا ساقچىلار نامايىشچى ئاممىنى تارقىلىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان، ھەمدە قالقان ۋە «ئادەم تېمى» ئارقىلىق نامايىشچى ئاممىنى ئارقىغا ياندۇرغان. 1-چېسلا سائەت 0 گىچە، بىر قىسىم نامايىشچىلار يەنىلا شۇئار توۋلاپ نامايىشنى داۋاملاشتۇرغان.

  نەق مەيداندىكى نامايىشچىلار 1-چېسلا كۈندۈزى يەنە باش ۋەزىر سارىيى سىرتىدا داۋاملىق نامايىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر