30–ئىيۇن ، ۋاكالەت نومۇرى ‹‹ PSLV-C23 ›› بولغان راكىتا ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سىرىخارىكوتا ئارىلىدىكى بازىدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى . ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 30–ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھىندىستان بوشلۇق تەتقىقات تەشكىلاتى شۇ كۈنى بۇ راكىتانى قويۇپ بەرگەن بولۇپ ، بۇ راكىتا چەت ئەلنىڭ بەش دانە سودا سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان .