باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشيەن خەلق گېزىتخانىسىغا بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى(1)

2014.06.30 13:38   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ليۇ يۈنشيەن خەلق گېزىتخانىسىغا بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى(1)

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشيەن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق گېزىتخانىسىغا بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا تەشۋىقات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا جامائەت پىكرى بىلەن يىتەكچىلىك قىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەشۋىقات، جامائەت پىكرىنىڭ ئىجابىي رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قۇدرەتلىك روھىي كۈچ مەجەسسەملەشنى تەكىتلىدى.

  ليۇ يۈنشيەن خەلق گېزىتخانىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى يېتىلدۇرۇش ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇش يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى تەشۋىقات، جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئومۇملۈق ئەھمىيىتىگە ئىگە بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە، دەپ كۆرسەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە چۈشىنىپ، يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىنىڭ زور ئەھمىيىتى، نىشان ۋەزىپىلىرىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچىنى ئېنىق تونۇپ، يادرولۇق قىممەت قارشىنى نۇرلاندۇرۇش تەلىپىنى تەشۋىقات، جامائەت پىكىرى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىپادىلەش لازىم.

  ليۇ يۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاخبارات خىزمەتچىلىرى جەمئىيەت ئىستىلىغا يىتەكچىلىك قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، شۇڭا ئۇ كەسىپ ئەخلاقىغا ئەمەل قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ يولغا قويغۇچىسى، تۈرتكە بولغۇچىسى ۋە يىتەكچىلىك قىلغۇچىسى بولۇشى كېرەك.

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىسرائىلىيەدىكى ئائىلىلەردە پۇلنىڭ تەربىيەسىگە ئۆز ئالدىغا پىرىنسىپى بار
      ·شىنجاڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتا تۇنجى قەدەمنى ئالدى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25 – ئىيۇن سائەت 18:00 دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76- ۋە 38- باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىنىدۇ
      ·گوۋۇيۈەن زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى
      ·ئاپتونوم رايون قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشنى باشلىدى
      ·دۆلەت 500 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ چۈشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىنى قوللىدى
      ·دۆلىتىمىز ئالىي مەكتەپلىرى مۇستەقىل قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى