باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەتئەللەردە نەشىر قىلىنغان قاتناش خەرىتىسىگە تايىنىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى

2014.06.30 08:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-ئاينىڭ ئاخىرىدا چەتئەللەرنىڭ بىر تۈركۈم دېڭىز رايونىنىڭ قەغەز ۋە ئېلېكترونلۇق خەرىتىسىنى نەشىر قىلىش تارقىتىشىغا ئەگىشىپ، دېڭىز ئارمىيىسى نەشرىياتى تۈزگەن دېڭىز قاتنىشى خەرىتىسىنىڭ كاپالەت دائىرىسى يەر شارىدىكى ئاساسلىق دېڭىزنى قاپلىدى. بۇ ئېلىمىز ئارمىيىسى،خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان پاراخوتلارنىڭ چەتئەللەردە نەشىر قىلىنغان قاتناش خەرىتىسىگە تايىنىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ خەرىتىنىڭ كاپالىتى ۋە مەزمۇنى مول بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېڭىز ئارمىيە نەشرىياتى ئۇچۇرلاشتۇرۇش شارائىتىدىكى كاپالەت ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىدىكى پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تىزلىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. 2011-يىلى10-ئايدىن باشلاپ، بۇ نەشرىيات دۆلەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەت پاراخوتلىرىنى ئېلېكترونلۇق دېڭىز خەرىتىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى ھەمدە يەر شارىغا جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ئېلېكترونلۇق دېڭىز خەرىتىسىنى ئومۇمىيلاشتۇردى.

  ھازىر بۇ نەشرىيات دېڭىز قاتنىشى خەرىتىسىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى يەر شارىدىكى نۇقتىلىق دېڭىزغىچە يەتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ دېڭىز ئارمىيە بىرلەشمە مانېۋىرى،دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرىنىڭ يىراققا قاتنىشى، ئادىن قولتۇقى پاراخوت مۇھاپىزىتى قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك كاپالەت ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،يەرلىكنىڭ يىراققا قاتنايدىغان پاراخوتلىرىنى دەل توغرا بولغان دېڭىز ئوكيان جۇغراپىيە ئۇچۇر مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر