باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نىڭشيانىڭ شىجى ناھىيەسى بىدئەت تەشكىلاتنىڭ 25 ئەزاسىغا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقاردى

2014.06.30 08:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى شىجى ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 26-ئىيۇن «ھەممىگە قادىر ئىلاھ» بىدئەت تەشكىلاتىنىڭ 25 ئەزاسىغا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقاردى، دەي يۇڭزۇڭ، دۇ جىچىن قاتارلىق بىدئەت تەشكىلاتنىڭ 25 ئەزاسى بىدئەت تەشكىلات تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقتىن، ئۈچ يىل ئالتە ئايدىن سەككىز يىلغىچە ئوخشاش بولمىغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى ياكى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ھەممىگە قادىر ئىلاھ» بىدئەت تەشكىلاتى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيۈەن شەھىرى يۈەنجۇ رايونىنىڭ شەھەر رايونى، لوڭدې ناھىيەسى بازىرى ۋە شىجى ناھىيىسىنىڭ جياڭتەي قاتارلىق جايلىرىدا يەتتە دىنى جەمئىيەت قۇرغان. 2005-يىلىدىن باشلاپ، جاۋابكار دەي يۇڭزۇڭ قاتارلىق بىدئەت تەشكىلاتنىڭ 25 ئەزاسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بىدئەت تەشكىلاتقا كىرىپ، «باشلامچى»، «ئىش بېجىرگۈچى»، «ئالاقىلەشكۈچى » قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2012-يىلى 12-ئايدا جاۋابكار گۇيۈەن شەھىرىنىڭ شەھەر رايونى، لوڭدې ناھىيەسى بازىرى، شىجى ناھىيەسى بازىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئاممىۋى سورۇنلارغا بىدئەتچىلىك تەشۋىقات بۇيۇمىدىن 5900دىن كۆپرەكنى چاپلىغان ۋە تارقاتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر