باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى سۈننىي مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرى ئويغۇنۇش كومىتېتىنى چاقىرىتشتىكى مەقسىتى نېمە؟ (2)

2014.06.30 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمما ئامېرىكا ئارمىيەسى 2011-يىلى چېكىنگەندىن كېيىن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇنۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ھۆكۈمەت ۋەدە قىلغان خىزمەتكە ئېرىشەلمىدى. ئۇيغۇنۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مالىك ۋەكىللىكىدىكى شىئە مەزھىپى ھۆكۈمىتىنىڭ خائىنلىق قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، ئەسەبىي قۇراللىق كۈچلەرنىڭ قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشىغا قارىتا، ئۇلار ياكى چەتتە قاراپ تۇرۇشى ياكى بولمىسا ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى تاللىشى كېرەك.

  ئىراقنىڭ غەربىدىكى شەھەر رامادتىكى سۈننىي مەزھىپى خەلق ئەسكىرى ئەبۇ خۇمام مۇنداق دېدى: ئۇيغۇنۇش كومىتېتىنىڭ نەچچە يۈز ئەزاسى ئۆتكەن نەچچە ئايدا قارىشىلىششتىن ۋاز كەچتى. بىز ياكى ئۆيىمىزدە تۇرىمىز ياكى ئۆكتىچى تەشكىلاتقا كىرىمىز.

  خۇمام مۇنداق دېدى: ئەمدى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشمايمەن، چۈنكى ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.

  ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سالاھىدىن ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇنۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەبۇ ئەخمەد مۇنداق دېدى: مەن قۇرقۇش ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بىر ئەسەبىي تەشكىلاتقا كېرىپ، ئۆزۈمنى ۋە ئائىلەمدىكىلەرنى قوغداۋاتىمەن.

  ھالبۇكى، ئامېرىكا ئۇيغۇنۇش كومىتېتى ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قايتىدىن كۆچۈرۈپ كىلىمەن دېسە بۇ ئاسان ئەمەس. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھازىر قۇراللىق سۈننىي مەزھىپى كۈچلىرىنى قايتىدىن تەكشىللەشكە كېرەكلىك يىتەرلىك يۈزى قىسمى يوق. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇنۇش كومىتېتىمۇ زور راسخۇتقا ئېھتىياجلىق. ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇنۇش كومىتېتىنى تەشكىللەش ئۈچۈن ئۈچ يىلدا ئاز دېگەندە 370مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى سەرىپ قىلغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر