باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇلاھىزە ماقالىسى

2014.06.30 08:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 29-ئىيۇن «تىنچلىقتا بىللە تۈرۈشنىڭ بەش پىرىنسىپىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، جانلىق» دېگەن تېمىدا مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلدى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: بۇ يىل تىنچلىقتا بىللە تۈرۈشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. 28-ئىيۇن بەش پىرىنسىپنى تۇنجى تەشەببۇس قىلغان جۇڭگو، ھىندىستان، بېرما رەھبەرلىرى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتىن ۋە سىناقلاردىن ئۆتكەن بەش پىرىنسىپ كۈچلۈك ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسى مىزانى ۋە يېتەكچى پىرىنسىپىغا ئايلاندى ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا داۋاملىق تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: تىنچلىقتا بىللە تۈرۈشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز، بۇ جۇڭگوغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارادا جۇڭگو دىپلوماتىيەسى بارغانسېرى قاتتىقلىشىۋاتىدۇ، دېگەندەك ئەيىبلەش سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈن بىزنىڭ خاتىرلىشىمىز سىرتقا بەش پرىنسپنىڭ جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئايرىم ئىش، ئايرىم پاكىت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ، ھەر قانداق كۈچ جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش ئېڭىنى تەۋرىتەلمەيدۇ.

  ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدۇ: ھازىر دۇنيادا 200دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون، 2500دىن ئارتۇق مىللەت، بەش مىڭ خىل تىل بار. مۇشۇنداق كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيا تەرتىپ ۋە قائىدىگە مۇھتاج. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم پىرىنسىپلارنى ئۆزگەرتىش، تەڭشەش كېرەك، بۇلارنى مەھكەم ئەستە ساقلاش كېرەك. تىنچلىقتا بىللە تۈرۈشنىڭ بەش پىرىنسىپى خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق مەھكەم ئىگىلەيدىغان پرىنسپقا ئېھتىياجلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر