باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاشقى مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىدىن پولات تۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى

2014.06.30 08:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر پولات تۆمۈر كەسپى بىر تەرەپتىن تاشقى مۇھىتنىڭ سىجىل ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مۇھىت ئاسراشقا بولغان تەلىپى بارغانسېرى يۇقىرىلىدى. ئېنېرگىيە تېجەش تەننەرخى مۇھىت ئاسراش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ تىز ئاشتى. شۇڭا قانداق قىلىش كېرەك؟ جۇڭگو پولات تۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى جاڭ چاڭفۇ مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: مۇھىت ئاسراش پولات تۆمۈر كەسپىدىكى ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئۆتكەل.ئالاقىدار كارخانىلار كۈتۈپ تۇرىۋېرىشكە بولمايدۇ. ئېنېرگىيە تېجەش بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋەزىپىسىنى جەزمەن ياخشى ئورۇنلاپ، جەمئىيەتكە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىش لازىم.

  جاڭ چاڭفۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېنېرگىيىنى خورىتىش ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىش كارخانىلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نېگىزلىك مەسىلە. پولات تۆمۈر كارخانىلىرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلىشى كېرەك. مەبلەغ، تېخنىكا، باشقۇرۇش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئىشلىتىشتە ئىلغار، پىشىپ يېتىلگەن ئۈنۈملۈك تېخنىكا جابدۇقلىرىنى قوللىنىپ، ئېنېرگىيە تېجەش بۇلغىما قويۇپ بېرىش توسىقى ۋە قىيىن نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر