باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتى

2014.06.30 08:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە «دىپلوماتىيە ئالىمى» ژۇرنىلى يېقىندا ئەجەپلەنمەڭ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتى ئەمەلىيەتتە ياخشىلانماقتا» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: دۇنيادا كۆلىمى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي مانېۋىرى بولغان 2014-يىللىق تىنچ ئوكياننى ئايلانغان ھەربىي مانېۋىرى 27-ئىيۇن باشلاندى. جۇڭگو ئامېرىكا تەشكىللىگەن بۇ مانېۋىرغا تۇنجى قېتىم قاتناشتى. جۇڭگونىڭ قاتنىشىشى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس. بىراق ئىككى تەرەپ شىددەتلىك تۇتۇشتى بولۇپمۇ شىياڭگىرىلا سۆزلىشىشى مەزگىلىدە سىرتتىكىلەر ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھەربىي جەھەتتە يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ئەمەلىيەتتە ئىزچىل ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئاسان ئۇنتۇپ قالدى.

  2010-يىلى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، جۇڭگو ئۇچرىشىشنى تەلتۆكۈس بىكار قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي جابدۇق سېتىپ بەرگەنلىكىگە جاۋاب قايتۇردى. ئىلگىرى، ئىككى ئارمىيەنىڭ ئۇچرىشىشى كۆپ قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغانىدى،سەۋەبى 2010-يىلغا ئوخشاش. بۇ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي جابدۇق سېتىپ بەرگەنلىكىگە قارىتا قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنىڭ ئىنكاسى، بىراق 2011-يىلى ئۇچرىشىش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئارمىيەلەر مۇناسىۋىتى روشەن مۇقىملاشتى.

  2011-يىلى گايتىس جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، قاتماللىقىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى يەنە ئۇچرىشىپ تۇردى. ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ باش شىتاب باشلىقى چىن بىڭدې 2011- يىلى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى، ئارقىدىن 2012-يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىياڭ گۇاڭلىي ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى. لىياڭ گۇاڭلىينىڭ زىيارىتى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى. نۇرغۇن كىشى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو ئاشۇ قېتىملىق زىيارەتنى بىكار قىلدى، چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا تەيۋەنگە يەنە ھەربىي جابدۇق سېتىپ بەرگەن، چىن گۇاڭچىڭ ۋەقەسى دىپلوماتىيە جىددىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لىياڭ گۇاڭلىي ئىلگىرى مېنىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشۇم جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مەلۇم بۇرۇلۇش ياساش دېگەنىدى.

  ئىككى ئارمىيەنىڭ مۇقىم ۋە قەرەللىك ئۇچرىشىشنى ساقلىشى- ئىزچىل ئوباما ۋە خۇجىنتاۋ، شى جىنپىڭ بىلدۈرگەن ئېنىق نىشان. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ بەلكىم جۇڭگونىڭ مۇشۇ تۈردىكى سۆزلىشىشكە بەكرەك قىزىقىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىلگىرى نۇرغۇن مۇتەخەسسسلەر: جۇڭگو بىخەتەرلىك سۆزلىشىشكە ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇ خىل سۆزلىشىش دىپلوماتىيە قۇربانى يەنى بۇ قۇربانلىق ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ قىلمىشلىرىدىن خاپا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش، دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى. ئەمما ھازىر جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي سىياسىتى بولۇپمۇ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىشى ئۈستىدە كەسكىن مۇزاكىرە قىلىش قىزىقىشى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن سۆزلىشىش قىزىقىشىدىن قىلىشمايدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆزلىشىشنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت بىرلەشمە مانېۋىرنى باشلىدى. بۇ تىنچ ئوكياننى ئايلانغان ھەربىي مانۋېر بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىككى تەرەپلىك مانېۋىر ئېلىپ باردى. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو كۆپ قېتىم قۇتقۇزۇش، دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مانېۋىرى ئېلىپ باردى. بۇ ئالغا قاراپ تاشلانغان كىچىك قەدەم، ئەمما يەنىلا ئىلگىرلەشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  روشەنكى، ئىككى ئارمىيە ھەمكارلىقى مەيلى بىرلەشمە مانېۋىر ياكى يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆزلىشىشى بولسۇن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ جىددىيلىكىنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇ ھەم بەزىلەر ئۈمىد قىلغاندەك تاساددىپى ۋەقەلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا ئوخشىمايدۇ. ئالايلۇق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كابىنىس ناملىق پاراخوتى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئۆز-ئارا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى ئىپادىلىگەندەك. جامۇس سىتەنبروگ ۋە مايكول ئو خەنلونلارنىڭ «ئىستراتېگىيە كاپالىتى ۋە قارار» دېگەن كىتابىنىڭ كىشىنى قايىل قىلىدىغان يىرى شۇكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا خىرىس پەيتىدە ھەربىي رەھبەرلەر ئۇچرىشىشنى كۆپەيتىشكە شۇنداقلا ئوچۇق دېڭىز ھەرىكىتى ۋە سىگنال ئەۋەتىش جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئالاھىدە مۇھتاج، باشتىلا خىرىسنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بۇ نىشانغا يېتەلمىدى. ئەگەر ھازىرقى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئاشۇ مۇنتىزىم ئۇچرىشىش بولمىسا، كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر