باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە ئەزالىرى سانىنى تىزگىنلەشتە ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى

2014.07.01 19:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ج ك پ ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 86 مىليون 686 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1 مىليون 559 مىڭ ساپ ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %1.8 بولغان؛ پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى 4 مىليون 304 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 102 مىڭى كۆپىيىپ، %2.4 ئاشقان. بۇ مەلۇماتلاردىن مەلۇمكى، مەركەزنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش-يېڭى تەلەپلىرى بىر قەدەر ياخشى ئەمەلىيلەشكەن.

  پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىنى تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مەركەزنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي سانىنى تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، پارتىيە ئەزالىرى سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى مۇۋاپىق تىزگىنلىگەن. 2013-يىلى مەملىكىتىمىز بويىچە 2 مىليون 408 مىڭ پارتىيە ئەزاسى كۆپەيگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 825 مىڭ ئاز بولغان. ج ك پ ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1.3 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەنلىگەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر