26-ئىيۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مىننېسوتا ئىشتاتىغا بېرىپ، ئىككى بالىسى بار نامرات ئانا Rebecca Eller خانىم بىلەن بىر كۈننى بىللە ئۆتكۈزدى. بوغالتىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 38 ياشلىق بۇ ئانا ئىلگىرى ئوباماغا خەت يېزىپ:‹‹گەرچە ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يولدىشىم ئىككىمىز ئائىلىنى بېقىشتا يەنىلا قىينىلىۋاتىمىز›› دېگەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئوبامانىڭ بۇ ئىشىنى ‹‹ئىقتىسادىي سىياسەتكە بولغان تەشۋىقات›› دەپ چۈشەنگەن. ئوباما:‹‹ئۇنىڭ سىياسەتنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن›› دېگەن.