باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسىدىكى 4 جاۋابكار ئۈستىدىن قانۇن بويىچە ئەرز قىلىندى

2014.07.01 19:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كۈنمىڭ ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن «1-مارت» زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسىدىكى تۆت جاۋابكار ئۈستىدىن كۈنمىڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

  كۈنمىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنداق دەپ قارىغان: جاۋابكار ئىسكەندەر ئەخەت، تۇرغۇن توختنىياز، ھۈسەن مەمەتلەر تېررورلۇق تەشكىلات قۇرغان ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىك قىلغان، ھەمدە كۈنمىڭ ۋوگزالىدىكى ئادەم ئۆلتۈرۈش زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشى تېررورلۇق تەشكىلات قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن؛ پاتىگۈل توختى تېررورلۇق ھەرىكەت تەشكىلاتىغا ئاكتىپ قاتناشقان ھەمدە كۈنمىڭ ۋوگزالىدىكى ئادەم ئۆلتۈرۈش زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاتناشقان، ئۇنىڭ قىلمىشى تېررورلۇق تەشكىلاتقا قاتنىشىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايى شەكىللەندۈرگەن. تۆت جاۋابكارنىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن قانۇن بويىچە ئەرز سۇندۇق.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر