باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بېرما زۇڭتۇڭى ۋە ھىندىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

2014.06.30 08:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28-ئىيۇن چۈشتىن كىيىن خەلق سارىيىدا بېرما زۇڭتۇڭى ئۇتىنسىن ۋە ھىندىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئەنسارى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتتە بولۇش ۋە تىنچلىقتا بىرگە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

  لى كېچياڭ ئۇتىنسىن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىقا ئىگە، تىنچلىقتا بىرگە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى ئاساسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو بېرما بىلەن بىرگە سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ۋە كەسپى پىلانىنى بىرلەشتۈرۈپ، بايلىق، مەبلەغ ۋە بازار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىر بىرنىڭ كەم-كۇستىلىرىنى تولۇقلاپ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئىچىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى. بېرما بۇ يىل شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، جۇڭگو بېرمىنىڭ شەرقىي ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىنى ياخشى ئېچىشى ۋە جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە بولۇشى، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھاسىل قىلغان ئىككى نۇقتىلىق سىياسىي ئورتاق تونۇشى بىلەن يەتتە مۇھىم ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملىق ساغلام، تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  لى كېچياڭ ئەنسارى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىككى ئەڭ جانلىنىۋاتقان يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەت بولۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئوخشاش، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بىز ھىندىستان بىلەن بىرگە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ بازارنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، بىر-بىرنىڭ تەرەققىياتى ئىلىپ كەلگەن مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى خالايمىز. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننى قوش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قىلغان ئىقتىسادى ئېشىش رايونىنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ كۈچلۈك تەرەققىي قىلىشىغا تۇرتكە بولىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى تىنچ ۋە مۇقىم بولغان رايون ۋە خەلقئارا مۇھىتقا موھتاج. جۇڭگو، ھىندىستان بىلەن بىرگە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇرەسسەلىشىپ، چېگرا رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ھىندىستان ۋە بېرمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچلىقتا بىرگە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ھەمدە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر