بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئىيۇل سەھەر سائەت 0:00 ئۆتكۈزۈلگەن سەككىز كۈچلۈكنى تاللاش ئايلانمىسىنىڭ 5-مەيدان مۇسابىقىسىدا، فرانسىيە كوماندىسى نېگىرىيە كوماندىسىنى 0:2 يەڭدى. ئىككى تەرەپ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا تەڭگە-تەڭ تىركەشتى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا نېگىرىيە كوماندىسىنىڭ بەدەن قۇۋۋەت جەھەتتىكى ئاجىزلىقى چېنىشقا باشلىدى، پۈتۈن مەيدان ئىنتايىن ياخشى ئىپادە كۆرسەتكەن ۋاراتار ئېنياما بىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، فرانسىيەنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالدى، تولۇقلىما ۋاقىتتا نېگىرىيەنىڭ مۇداپىئەچىسى ئۆزىگە بىر توپ سالدى، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.