باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نىتانىياخۇ: زۆرۈر تېپىلغاندا خاماسقا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىمىزنى كېڭەيتىمىز

2014.07.03 08:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ تۈنۈگۈن كەچتە ئىسرائىلىيە زۆرۈر تېپىلغاندا پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسقا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى كېڭەيتىدۇ دېدى.

  نىتانىياخۇ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە نۆۋەتتە ئۈچ ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى: بىرىنچى، يەھۈدى ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرگەن كىشى ۋە بۇ ئىشنى پىلانلاشقا قاتناشقان ھەر بىر كىشىنى تېپىش ھەمدە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش. ئىككىنچى، خاماسنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئادەم كۈچى ۋە ئۇل ئەسلىھەسىنى داۋاملىق ئاجىزلاشتۇرۇش. ئۈچىنچى، غەززا رايونىدىكى خاماس تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش، زۆرۈر بولسا، ئىسرائىلىيە خاماسقا قارىتىلغان ھەربىي زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كېڭەيتىدۇ.

  نىتانىياخۇ مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: خاماس يەھۈدىلىك ئۈچ ياشنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولۇشى ھەمدە بۇنىڭغا ئېغىر بەدەل تۆلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر