باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئاساس قىلغان «شياڭگاڭلىقلارنىڭ شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىشى»دا چىڭ تۇرايلى

‐‐‐ بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

2014.07.02 18:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش» ‐‐ مەركەزنىڭ شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىش فاڭجېن-سىياسىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن تارتىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىچە، شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئاساس قىلغان شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»نىڭ ئېنىق چەكلىمىسى ۋە ئۆلچىمى بولۇپ كەلدى. «<بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش>نىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا بۇ نۇقتىنىڭ قايتا تەكىتلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى، شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

  «ۋەتەنپەرۋەرلەر»نىڭ ئۆلچىمى ھەققىدە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا دېڭ شياۋپىڭ «ئۆز مىللىتىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ۋەتەننىڭ شياڭگاڭغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈۈشىنى چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان سالمايدىغان بولۇش» دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنىدى. بۇ ئۆلچەمدىن ئېنىق كۆرەلەيمىزكى، «ۋەتەنپەرۋەرلىك» بىلەن «شياڭگاڭنى سۆيۈش» قارىمۇقارشى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن گەۋدە. شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئاساس قىلغان شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش ‐‐ شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىدىغان قوشۇندا ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان شياڭگاڭلىقلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىشى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ھوقۇقى چوقۇم ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك دېگەنلىكتۇر.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر