باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يىپەك يولى مەدەنىيەت كەسپىي بەلبېغى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2014.06.30 13:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان مەدەنىيەت مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى ليۇ يۈجۇ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يىپەك يولى مەدەنىيەت كەسپىي بەلبېغى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەدەنىيەت كەسپى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان رايون چوڭ ھەمكارلىقىنى شەكىللەندۈرۈش-يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ليۇ يۈجۇ مۇنداق دېدى: يىپەك يولى مەدەنىيەت كەسپىي بەلبېغى قۇرۇشتا، بىر جاينى نۇقتا قىلىپ، قالغان جايلارنى يېتەكلەپ، لىنىيەدىن بۆلەككىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ، مەمۇرىي رايون بويىچە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئەھۋالىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، رايون ئىچىدىكى مەدەنىيەت ئامىللىرى بىلەن ئىقتىساد ئامىللىرىنى تەرتىپلىك، ئەركىن يۈرۈشتۈرۈپ ۋە سەرخىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولىمىز. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ خەلق ئارىسىدا يىپەك يولى مەدەنىيىتى قارىشىنى ھەممە كىشىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر