كورىيە مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن چاۋشيەن يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرغان، توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلغان
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، كورىيە بىرلەشمە ئىشتابى باش بۆلۈمىنىڭ 26-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 لەردە چاۋشيەننىڭ شەرقىدىكى شەھەر ـــ ۋونسەن بەلبېغىدىن شەرقىي دېڭىزغا قارىتىپ ئۈچ دانە قىسقا مۇساپىلىك ئۇچار جىسىمنى قويۇپ بەرگەن.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، كورىيە بىرلەشمە ئىشتابى باش بۆلۈمىدىكى بىر ئالاقىدار خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : چاۋشيەن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 لەردىن باشلاپ ۋونسەننىڭ شىمالىدىكى رايونلاردىن شەرقىي شىمال يۆنىلىشىتىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتىپ ئۈچ دانە قىسقا مۇساپىلىك ئۇچار جىسىمنى قويۇپ بەرگەن. بۇ ئۇچار جىسىملارنىڭ ئۇچۇش ئارىلىقى تەخمىنەن 190 كىلومېتىر. نۆۋەتتە كورىيە تەرەپ ئۇچار جىسىملارنىڭ تۈرلىرى ۋە چاۋشيەن تەرەپنىڭ غەرىزىنى ئانالىز قىلماقتا.