باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5-ئايدا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش باشلانغاندىن بۇيان، ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغى يىتەرلىك بولدى

2014.06.30 13:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-ئايدا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش باشلانغاندىن بۇيان، ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغى يىتەرلىك بولدى، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىپ بېرىشى قىزغىن بولۇپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش ئىشلىرى تەكشى ئىلگىرلىمەكتە. 27-ئىيۇنغىچە، يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى 76 مىليارد 645 مىليون يۈەن يازلىق ئاشلىق ۋە ياغ سېتىۋېلىش قەرزى تارقىتىپ، كارخانىلارنىڭ 55 مىليارد 321 مىليون جىڭ يازلىق ئاشلىق ۋە ياغ سېتىۋېلىشىنى قوللاپ، قەرىز پۇلنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 26 مىليارد 630 مىليون يۈەن كۆپ تارقاتتى، بۇنىڭ بىلەن 27 مىليارد 9 مىليون جىڭ ئاشلىق كۆپ سېتىۋېلىندى. يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل يازلىق ئاشلىقنى سىياسەت خاراكتېرلىك سېتىۋېلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئاشلىق، ياغ سېتىۋېلىش ئورنى نىسبەتەن مەركەزلىك بولغان. 27-ئىيۇنغا قەدەر يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى تۈرلۈك سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق، ياغ سېتىۋېلىش قەرز پۇلىدىن 51 مىليارد 11 مىليون يۈەن تارقاتقان، بۇ ئاشلىق سېتىۋېلىش قەرزى پۇلى ئومۇمىي مىقتارىنىڭ %65.55نى ئىگىلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر