باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ ھىندىستان، بېرما زۇڭتۇڭلىرى بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلىگراممىسى يوللاشتى

2014.06.30 08:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-ئىيۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكىرجى، بېرما زۇڭتۇڭى ۋوتېنسېن بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلىگراممىسى يوللاشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىغە ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ مۇكىرجى ۋە زۇڭتۇڭ ۋوتېنسېن، ھىندىستان، بېرما ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 60 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو ھىندىستان بېرما بىرلىكتە تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلدى. بۈگۈن بىز ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كۈننى خاتىرىلەۋاتىمىز. تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى 20-ئەسىردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى زور ئىش، 60 يىلدىن بۇيان، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپى خەلقئارا بوران چاپقۇننىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئەمەل قىلىشىغا ئېرىشىپ، دۆلەت بىلەن دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسىي مىزانغا ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. خەلقئارا سىياسىي ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە چوڭقۇر تەڭشەش بولىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپى يەنىلا كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇپ، باراۋەر بولۇش، ئۆز ئارا ئىشىنىش، كەڭ قورساق بولۇش ئۆز ئارا ئەينەك قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جەزمەن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى. جۇڭگو ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىنى داۋاملىق يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بېرما ئەنئەنىۋى دوست خوشنىلار، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى چوڭقۇر. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز بېرما بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل مۇقىم چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىغا ۋارسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئورتاق بىخەتەرلىك ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغداش، كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيانى تەشەببۇس قىلىش، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايمىز.

  مۇكىرجى بىلەن ۋوتېنسېن تەبرىك تېلىگراممىسىدا شى جىنپىڭ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر