خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش ھەركىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كورلا شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى كېسەللىك ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىكى تېخنىك خادىملار يېقىندا، كورلا شەھەر يېڭىشەھەر يېزىسىنىڭ 74 مو كۆلەمدىكى ئورمان بەلبىغىغا ھەقسىز دورا چېچىپ بېرىپ، ئەلگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈپ ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.سۈرەتتە: تېخنىك خادىملار دەرەخلەرگە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى چاچماقتا
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى