باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى باشلاندى

18 دۆلەتتىكى 132 سەنئەتكارنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى

2014.06.27 17:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى خەۋىرى/ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى سەنئەت مەھكىمىسى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تاشقى مەدەنىيەت ئالاقە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى» 25 – ئىيۇن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دىڭ ۋېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەۋكېن سېيىتقامزا قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئىگىلىشىمچە، «يىپەك يولىدا ئۇچرىشىش» ئاساسىي تېمىسىدىكى بۇ كۆرگەزمە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىرلىكتە بەرپا قىلىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تۈرى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن مەملىكەت بويىچە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بىردىنبىر قوش يىل كۆرگەزمىسى ئىكەن. كۆرگەزمىدە ئاساسلىقى يىپەك يولى مەدەنىيىتى نامايان قىلىنىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چوڭ گۈللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

  25–ئىيۇندىكى كۆرگەزمىدە دۆلىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 دۆلەتتىكى 132 سەنئەتكارنىڭ يىپەك يولىغا مۇناسىۋەتلىك 167 پارچە سەنئەت ئەسىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى. ئەسەرلەردە 1930 – يىللاردىكى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىماسىنى كۆرۈپلا قالماستىن يەنە ئازادلىق ھارپىسىدىكى يىپەك يولى سودىسىدىكى جۇڭگو ۋە چەتئەللىك سودىگەرلەرنىڭ كارتىنىلىرىنىمۇ، دۇنياۋى داڭلىق رەسساملارنىڭ گۇمانىزىم ئۇسلۇبتىكى سىزمىلىرىنى كۆرەلەيسىز، قەغەزدىن ۋە تۈرلۈك تاش پارچىلىرىدىن ياسالغان ھەرخىل ئەسەرلەردىن بەھىر ئالالايسىز.

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دىڭ ۋېي ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: بىز جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك مەدەنىيەت داڭلىق ماركا تۈرى قىلىپ چىقىشنى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمى بىلەن بىرگە شىنجاڭنىڭ تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش، ھەرخىل مىللىي مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم كۆزنەك شۇنداقلا دۇنيانىڭ جۇڭگونى، شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى ياخشى سەھنە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىگىلىشىمچە، كۆرگەزمە 20 – ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىكەن.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر