باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقى سودىمىزنىڭ كاپالىتى»

2014.06.28 08:01   مەنبە: خەلق تورى

«ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقى سودىمىزنىڭ كاپالىتى»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «شەرقىي ئايلانما بازىرى» ئۈرۈمچى بويىچە تۇجى بولۇپ ئېچىلغان قۇرۇق يەل–يېمىش بازىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئەڭ چوڭ توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش بازىرىدۇر. ئادەتتە ئىيۇننىڭ باشلىرىدا قىزىپ كېتىدىغان سودا نۆۋەتتە سۇس ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، پارچە سېتىش بازىرىدىكى 288–دۇكان خوجايىنى شىرئەلى 26–ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بىر خېرىدارغا ئىككى كىلو ياڭاق سېتىۋاتاتتى.

  ـــ ھازىر سودا بۇرۇنقىدەك ياخشى ئەمەس، 2009 – يىلى «5 – ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن سودىمىز بىرمەھەل توختاپ قالغانىدى، ئىككى يىل ئۆتۈپ ۋەزىيەت ياخشىلىنىپ، ساياھەتچىلەر كۆپلەپ كېلىپ، سودىمىز قايتىدىن ھاللىنىپ، ياخشى كۈنلىرىمىز كېلىۋاتىدۇ دەپ ئولتۇرساق، بۇ يىل نەچچە قېتىملىق پارتىلىتىش، چاناش يۈز بېرىپ، ساياھەتچىلەر يوقلا بولدى. بۇلتۇرنىڭ بۇنداق ۋاقتىدا كۈنىگە 3000 – 4000 يۈەنلىك سودا قىلمىساق قىلمىغاندەك بولاتتۇق، يەشىك – يەشىكلەپ قۇرۇق يەل – يىمىشلار بۇ بازىرىمىزدىن ئىچكىرىگە يوللىناتتى. چەتئەلدىن يەنە خورما، كىشمىش قاتارلىق نۇرغۇن قۇرۇق يەل – يىمىشنىمۇ كىرگۈزەتتۇق. ھازىر ئۇلارنىمۇ كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. شۇ گۇيلىنى دەيمەن، سىڭگەن نېنىنى يەپ ئولتۇرسا بولمامدۇ، بىگۇناھ ئاممىنىڭ بېشىغىمۇ چىقتى، ئۆزىنىڭ بېشىغىمۇ چىقتى. پۈتكۈل جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىپ، تىنچلىقىمىزنى بۇزدى. مېنىڭچە پارتىيە – ھۆكۈمەت خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، شۇ ناچارلارنى ۋاقتىدا، يىلتىزىدىن بىر تەرەپ قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن، سودىمىزنىڭمۇ تېز ئارىدا ئەسلىگە كېلىشىگە ئىشىنىمەن،- دېدى شىرئەلى ماڭا.

  شىرئەلىنىڭ دۇكىنىنىڭ يېنىدىكى «شياۋ ياڭ قۇرۇق يەل – يىمىش دۇكىنى» دا دۇكان خوجايىنى ياڭ شياۋجۈن دۇكاندىكى چىلانلارنىڭ ئۈستىگە قونغان توپىلارنى سۈرتۈپ ئولتۇراتتى.

  ـــ ماڭا بۇ بازاردا سودا قىلىۋاتقىلى ئون يىلچە بولۇپ قالدى. مېنىڭدىن مال ئالىدىغانلار ئاساسلىقى ئىچكىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر، بۇ يىل ئۈرۈمچىدە ۋە شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بەرگەن برقانچە قېتىملىق تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن شىنجاڭغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئازلاپ كەتكەچكە، بازىرىمىز ئاساسەن يوقلا بولدى. مۇقىم، ئىناق ۋەزىيەت ھەممىمىزگە پايدىلىق دەپ قارايمەن، ۋەزىيەت مۇقىم بولسا ساياھەتچىلەرمۇ شىنجاڭغا كېلىدۇ، بىزنىڭمۇ سودىمىز ياخشى بولىدۇ، ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقى سودىمىزنىڭ كاپالىتى ئىكەن،-دېدى ياڭ شياۋجۈن.

  «شەرقىي ئايلانما بازىرى» نىڭ كەينىدە قۇرۇق يەل – يىمىشلەرنى توپ تارقىتىدىغان مەمەت ئېلى 26 –ئىيۇن يېڭىلا خوتەندىن ئەۋەتىلگەن ئۈچ توننا ياڭاقنى چۈشۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى.

  ـــ بۇ يىل يازدا 50 – 60 توننا ياڭاق سودىسى قىلارمەن دەپ ئويلىغانىدىم،- دېدى مەمەت ئېلى،- لېكىن ئۇنداق بولمايدىغان ئوخشايدۇ، مايدىن ھازىرغىچە ئاران بەش توننا سودا بولدى، سودا بۇنداق بولىۋەرسە، ئۆينى بېقىش تەسكە چۈشۈپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ يىل كۇنمىڭدا، ئۈرۈمچىدە، خوتەن، قەشقەردە ئارقا – ئارقىدىن ئىش چىقىپ، بىر سېسىق ئالما مىڭ ساق ئالمىنى سېسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى نامىغا ئېغىر داغ تەگدى، شىنجاڭغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئازلاپ كەتتى. سودىمىزغىمۇ ئېغىر تەسىر يەتتى. ھازىر سىياسەت ياخشى، باج ئازايدى، قوللاش كۆپەيدى. مېنىڭچە ھەركىم ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، ئائىلىسىگە، ئاتا – ئانىسىغا ياخشى قارىسا كۈنى خاتىرجەم ئۆتىدۇ، ساۋاب ئالىدۇ. قالايمىقان ئىش قىلسا ئۆزىگىمۇ قىلىدۇ، ئۆزگىگىمۇ قىلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «شەرقىي ئايلانما بازىرى» ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىر كىچىك كارتىنىسى، مەيلى بۇ يەردە ۋە ياكى باشقا يەرلەردە تىجارەت قىلىۋاتقانلار بولسۇن، كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھەممەيلەننىڭ ئۈمىدى ئىناقلىق، مۇقىملىق. بىزدە «ئەل يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى روھىڭ سامان بولماس» دىگەن ماقال بار، ئەل يۇرتىمىزنىڭ ئامانلىقى، بىزنىڭ بەختىيار، خاتىرجەم تۇرمىشىمىزنىڭ كاپالىتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2014–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئىسرائىلىيەدىكى ئائىلىلەردە پۇلنىڭ تەربىيەسىگە ئۆز ئالدىغا پىرىنسىپى بار
      ·شىنجاڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتا تۇنجى قەدەمنى ئالدى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25 – ئىيۇن سائەت 18:00 دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76- ۋە 38- باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىنىدۇ
      ·گوۋۇيۈەن زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى
      ·ئاپتونوم رايون قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشنى باشلىدى
      ·دۆلەت 500 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ چۈشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىنى قوللىدى