خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزا نوباشلام كەنتىدىكى ياش ناۋاي راخمان ئىسلام 2008–يىلى ئارامەھەللە كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ يېنىدىن بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، ناۋايخانا ئاچقانىدى. ناۋايلىق كەسپىدىكى كاتتا ھۈنىرى، ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن ئۇنىڭ خېرىدارلىرى تېز كۆپىيىپ، ھۈنىرىنىڭ خاسىيىتىدىن ئىقتىسادىي كىرىمى كۈندىن–كۈنگە ياخشىلاندى، راخمان ئىسلام ھال كۈنى ياخشىلانغاندا قىيىنچىلىقى بارلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ ئارامەھەللە مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامرات ۋە ئائىلىسى بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىقى يىراق بولۇش سەۋەبلىك، چۈشلۈك تاماق مەسىلىسىدە قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 2011–يىل 9-ئايدىن باشلاپ، تۆت يىلدىن بۇيان ئائىلىسى يىراق، قىيىنچىلىقى بار 10 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ھەركۈنى چۈشتە بىردىن ھەقسىز نان ۋە چاي بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشتى. مۇخبىر: كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا
سۈرەتتە: 26-ئىيۇن راخمان ئىسلام ئوقۇغۇچىلارغا چۈشلۈك نان تارقىتىپ بەرمەكتە.
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى