باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2014.06.26 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چياۋ شياۋياڭنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكىرى ھەققىدىكى دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قىسمەن رايونلاردا جىنايى ئىشلار دېلوسىغا تېزدىن كېسىم چىقىرىش تەرتىپى سىنىقى خىزمىتىنى باشلاش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى فۇ يىڭنىڭ جۇڭگو بىلەن بوسىنىيە گرېتسىگوۋېنانىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسى جەھەتتە ھەمكارلىشىش شەرتنامىسى، جۇڭگو بىلەن بوسىنىيە گرېتسىگوۋېنانىڭ ھەق تەلەپ ۋە سودا ئىشلىرىدا ئەدلىيە جەھەتتە ھەمكارلىشىش شەرتنامىسى، جۇڭگو بىلەن بوسىنىيە گرېتسىگوۋېنانىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ باشقۇرۇش شەرتنامىسى، جۇڭگو ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى ۋە قارار لايىھەسىنىڭ ۋاقىتلىق نۇسخىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لياۋ شياۋجۈننىڭ 2013-يىللىق مەركەز نەقچوت لايىھەسى ۋە 2013-يىللىق مەركەز نەق چوت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى ۋە قارار لايىھەسىنىڭ ۋاقىتلىق نۇسخىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چىڭنىڭ قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە ۋەزىپىگە قويۇش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرىگە ئاساسەن، يۇقىرىقى تەكلىپ لايىھەلىرى ۋە لايىھەلەر يەنىمۇ قاراپ چىقىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، 26-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-سانلىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش ياكى سۇنماسلىقنى قارار قىلىشىغا سۇنىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر