خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى: 27–ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىي ساڭفاڭگو يولىدىكى لىڭچىڭ قوغۇن – تاۋۇز توپ سېتىش بازىرىدا يەككە تىجارەتچى قادىر مەمەت توپ باھادا ئالغان تاۋۇزلىرىنى ماشىنىسىغا بېسىپ ماڭماقتا. ئىگىلىشىمچە ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۈرۈمچى شەھىرىگە تۇرپاننىڭ تاۋۇزلىرىنىڭ بازارغا كىرىشى بىلەن تاۋۇزنىڭ باھاسى بارغانسېرى چۈشۈپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكى ھەر كلوگىرامى 1.8 يۈەنلىك توپ سېتىش باھاسى شۇ كۈنى 1.3 يۈەندىن 1.4 يۈەنگىچە چۈشكەن.
ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى
مەنبە: خەلق تورى