باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئالمىخان سېيىتنىڭ 128 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى ئۆتكۈزۈلدى(1)

2014.06.26 12:44   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئالمىخان سېيىتنىڭ 128 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى ئۆتكۈزۈلدى(1)

  25-ئىيۇن، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئۆمۈر چولپىنى ئالمىخان سېيىت 128 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

  ئالمىخان سىيىت قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە قۇمۇشئېرىق يېزىسىدىن بولۇپ، 1886-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى (گۇاڭشۈنىڭ 12-يىلى) تۇغۇلغان، ھازىر موماينىڭ ئالتە ئەۋلادىنى قوشقاندا جەمئىي 56 نەپەر بالا-ۋاقا، نەۋرە-چەۋرىسى بار. موماي ناخشا-مۇزىكىغا تولىمۇ سەزگۈر بولۇپ، تېلېۋىزۇرلاردىكى ناخشىلارنى بىرلا كۆرسە ئۆگىنىۋالالايدىكەن، يەنە نۇرغۇن ناخشىلارنىن ئېيتىشنى بىلىدىكەن. ئۇ قىشمۇ-ياز سوغۇق سۇ ئىچىدىكەن، تاماق مىقدارى سەل كۆپ بولۇپ، بىر ئولتۇرۇشىدا 10 نەچچە مانتىنى يەۋېتەلەيدىكەن، ئىشتىھاسى ياخشى ۋاقىتلاردا يېرىم كىلو گۆشنى يەۋېتىدىكەن، بىر قېتىمدا يوغان بىر قوغۇننىمۇ يەۋېتەلەيدىكەن، سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ، بالا بېقىش، تۈگرە تۈگۈش، قۇمۇش بورا توقۇش قاتارلىقلارنى قىلالايدىكەن، كوچا ئايلىنىشنى، پەتىلەشنى، بازارغا چىقىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. موماي بالىلىرىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، يۇرتداشلىرى ئۇنى ‹‹بالا شاھى›› دەپ ئاتىۋالغان.

  ئالمىخان سىيىت ئۇدا ئۈچ يىل جۇڭگو ياشانغانلار ئىلمىي جەمئىيىتى ئېلان قىلغان مەملىكەت بويىچە 10 چوڭ ئۆمۈر چولپىنىنىڭ رەت تەرتىپىدە 2-بولغان، ئۇ ھازىرغا قەدەر ئۈچ ئەسىرنى باشتىن كەچۈرگەن.

  بۇلتۇر ئەنگلىيەنىڭ لوندۇنغا جايلاشقان كارريىڭ فلاگ دۇنيا رېكورتى خاتىرىلەش ئورگىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى 127 ياشلىق ئالمىخان سىيىتنى ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشى›› ۋە ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئايال›› دەپ ئېتىراپ قىلدى ھەمدە بۇ ئىككى تۈر بويىچە دۇنيا رېكورتى ئېتىراپنامىسى تارقىتىپ بەردى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتا تۇنجى قەدەمنى ئالدى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25 – ئىيۇن سائەت 18:00 دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76- ۋە 38- باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىنىدۇ
      ·گوۋۇيۈەن زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى
      ·ئاپتونوم رايون قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشنى باشلىدى
      ·دۆلەت 500 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ چۈشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىنى قوللىدى
      ·دۆلىتىمىز ئالىي مەكتەپلىرى مۇستەقىل قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئورنىغا ئادەم سالغۇچىنىڭ نەتىجىسىنى…