پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: 24-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، قەشقەر شەھىرى ۋە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئەدىبلەر قەشقەر شەھىرىدىكى ‹‹يامبۇ››رېستورانىغا جەم بولۇپ، ئاتاقلىق مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، شائىر ئىمىن ئەھمىدى ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتتە قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن قاتناشتى، ھەمدە قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شۇنداقلا قەشقەر شەھىرىدىكى 700 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا ۋاكالىتەن ئىمىن ئەھمىدىنىڭ قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت، تارىخ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى ۋە ‹‹كاشغەر مەدەنىيىتى››ژۇرنىلىنى نەشىر قىلىپ تارقىتىلىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. شەھەر باشلىغى ئەنۋەر تۇرسۇن شائىر ئىمىن ئەھمىدىگە ھۆرمەت تونى كەيدۈردى. پائالىيەتكە قەشقەر شەھىرى ۋە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى 40 تىن ئارتۇق مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، ئەدىب، يازغۇچى-شائىر، ژۇرنالىست، ئاخباراتچى قاتناشتى. پائالىيەتكە ‹‹قەشقەر›› ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى ئەنۋەر ئىبراھىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
پائالىيەتتە ئەنۋەر ئىبراھىم، تاھىر تالىپ، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، ئابدۇرېھىم سابىت قاراخان، ئابلەت ئىسمائىل ئوغلان، توختىھاجى تۇرسۇن، مەمتىمىن ھېيت، مەمتىمىن ئوبۇل، قۇربان ئەمەت، ئابلاجان بوۋاقى قاتارلىق مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، ئەدىب، يازغۇچى-شائىر، ژۇرنالىست، ئاخباراتچى خادىملار ئىمىن ئەھمىدىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ھەمدە ئىمىن ئەھمىدىنىڭ نادىر شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى، ئىمىن ئەھمىدىگە ئاتاپ يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇدى. شائىرغا تون كەيگۈزۈپ، كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىشتى.