- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تۆمۈريول ئىدارىسى BRT بېكىتى ئىيۇننىڭ ئاخىرلىرى يۆتكىلىدۇ
2014.06.24 16:11 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ 23–ئىيۇن ئۈرۈمچى مېترو 1–لىنىيەسى تۆمۈريول ئىدارىسى بېكىتى قۇرۇلۇش مەيدانىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە تۆمۈريول ئىدارىسى BRT ۋاقىتلىق بېكىتى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكەن بولۇپ ، مۆلچەرلىنىشىچە ، ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى BRT بېكىتىنى يۆتكەش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، يېڭىدىن ياسىلىدىغان تۆمۈريول ئىدارىسى BRT بېكىتى شىمالغا 240 مېتىر يۆتكىلىدىكەن ، نۆۋەتتە ئېلېكتىر كۈچى قاتارلىق ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ ، كېيىنكى قەدەمدە بېكەتنىڭ ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى تاماملىنىشى مۇمكىن ئىكەن . بېكەت يۆتكىلىپ بولغاندىن كېيىن ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن تۆمۈريول ئىدارىسى مېترو بېكىتىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر