باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2013-يىلى مەركەز مالىيەسىنىڭ چىقىمى 6 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن بولدى

خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ مايىللاشتۇرۇلدى

2014.06.25 13:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇليىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-سانلىق يىغىنى 24-چېسلا چۈشتىن خەلق چوڭ سارىيىدا 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا قاتناشتى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مالىيە مىنىستىرى لوۋ جىۋېي 24-چېسلا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-سانلىق يىغىنىغا 2013-يىللىق مەركەز نەقچوتىدىن دوكلات بەردى.

  لوۋ جىۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2013-يىلى مەركەز جامائەت مالىيەسىنىڭ چىقىمى 6 تىرىليون 849 مىليارد 168 مىليون يۈەن بولدى، خامچوت %98.5 ئورۇندالدى، 2012-يىلدىكىدىن %6.8 ئاشتى.

  لوۋ جىۋېي مۇنۇلار كۆرسەتتى: 2013-يىلىنىڭ ئالدىنقى بىر قانچە ئېيىدا، مەركەز جامائەت مالىيەسىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، خامچوت ئىجراسى داۋامىدا مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئۆز چىقىمى %5 قىسقارتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۆتكىمە چىقىم تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرگەن ھالدا مەركەزنىڭ جايلارغا ئاجرىتىدىغان مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمى قىسقارتىلىپ، بۇنىڭ ئېشىپ قالغان مەبلەغ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلىتىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر