باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

زەھەرلىك ‹‹ چوڭ تۇمشۇق چۈمۈلە ›› ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلدى(1)

2014.06.25 14:43   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

زەھەرلىك ‹‹ چوڭ تۇمشۇق چۈمۈلە ›› ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلدى(1)

  ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 23- ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن تەتقىقات ئورگانلىرى ئاگاھلاندۇرۇش تارقىتىپ ، بىر خىل زەھەرلىك ‹‹ چوڭ تۇمشۇق چۈمۈلە ›› نىڭ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان . بۇ خىل چۈمۈلىنىڭ چوڭ تاڭلىيى ئېيىق تۇتۇش قىسمىقىغا ئوخشايدىغان بولۇپ ، 180 گىرادۇس ئېچىلىدىكەن . ئۇنىڭ يېتىلگەندىن كېيىن بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 9.5 مىللىمېتىر كېلىدىكەن .

  ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا ئىشتات ئۇنىۋېرسىتېتى ، مىسسىسىپى ھاشارات مۇزىيې ، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋس تارماق مەكتىپى ۋە ئارچبولد جانلىقلار پونكىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بىرلەشمە تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ خىل چوڭ چىشلىق چۈمۈلە پۈتۈن ئامېرىكىغا قاراپ كېڭىيىۋېتىپتۇ .

  شىمالىي كارولىنا ئىشتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سورگېر مۇنداق دېدى : ئەمەلىيەتتە ، چۈمۈلىلەرنىڭ كېڭىيىشى ناھايىتى قىزىقارلىق ، چۈنكى ھېچكىم ئۇلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن كېڭىيىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ . بىزنىڭ بۇ چۈمۈلىلەر توغرىسىدا يەنى ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن كېيىن يەرلىكتىكى چۈمۈلىلەر بىلەن ئۆز ئارا بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى قاتارلىقلار توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمىز ناھايىتى ئاز .

  سورگېر خىزمەتداشلىرى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكىدىن كەلگەن ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بۇ خىل چۈمۈلىنىڭ قانداق كېڭىيىدىغانلىقىغا ناھايىتى قىزىقتى . جەنۇبىي ئامېرىكىدا 1956-يىلى تۇنجى قېتىم بۇ خىل چۈمۈلە خاتىرىلەنگەن . لېكىن تەتقىقاتچىلار بۇ خىل چۈمۈلىنىڭ مېكسىكىغىچە كېڭەيگەنلىكىنى ، ئەڭ يىراق بولغاندا فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ Pensacola غىچە يېتىپ بارغانلىقىنى بايقىغان .

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25 – ئىيۇن سائەت 18:00 دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76- ۋە 38- باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىنىدۇ
      ·گوۋۇيۈەن زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى
      ·ئاپتونوم رايون قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشنى باشلىدى
      ·دۆلەت 500 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ چۈشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىنى قوللىدى
      ·دۆلىتىمىز ئالىي مەكتەپلىرى مۇستەقىل قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئورنىغا ئادەم سالغۇچىنىڭ نەتىجىسىنى…
      ·ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تورۇبا يولىنىڭ C لىنىيەسىدە گاز توشۇش باشلاندى