- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوباما بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىراقنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرگە زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2014.06.23 20:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋاشىنگتوندىكى ئاقسارايدا ئىراق ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىراقنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرگە زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقى جاكارلىدى، بۇ تەدبىرلەر ئىراققا 300 نەپەر ھەربىي مەسلىھەتچى ئەۋەتىش، ئىراق بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىراقنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرگە زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقى جاكارلىدى، بۇ تەدبىرلەر ئىراققا 300 نەپەر ھەربىي مەسلىھەتچى ئەۋەتىش، ئىراق بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئوباما شۇ كۈنى ئاقسارايدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئەترىتى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: رادىكال تەشكىلات «ئىراق ۋە لېۋانت تروي ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئىراقتىكى ھۇجۇمى ئىراق، ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە «تەھدىت» پەيدا قىلدى، ئىراقتا ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر قاتار تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر