- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


توردىكى زوراۋانلىق-تېررورلۇق ئۈن-سىنلىرىنى پاش قىلغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ
2014.06.23 21:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى 20-چېسلادىن باشلاپ توردىكى زوراۋانلىق-تېررورلۇق ئۈن-سىنلىرىنى تازىلاش مەخسۇس تېمىلىق سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، رەسمىي ھەرىكەتكە كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئۇزاققىچە تىنچ، مۇستەھكەم بولغان تورى مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقىي ئۈنۈم يارىتىش، نوپۇز پەيدا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئىگىلىنىشچە، مەخسۇس تېمىلىق ھەرىكەتنىڭ مەزمۇنى چېگرا سىرتىدىكى زوراۋانلىق-تېررورلۇق ئۈن-سىنلىرىنى قەتئىي توسۇپ، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن تور مىقياسىدا توردىكى زوراۋانلىق-تېررورلۇق ئۈن-سىنلىرىنى مەركەزلىك تازىلاش، بىر تۈركۈم قانۇنسىز تور بېكەتلىرى ۋە كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش، كارخانا باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمىللەشتۈرۈش، خەلق ئارىسىدىكى پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
يىغىندا جۇڭگو دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق ئارىسىدىكى پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى قانۇنسىز ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش مەركىزى ئاساسلىق بېكەتلىرىدە توردا زوراۋانلىق-تېررورلۇق ئۈن-سىنلىرىنى پاش قىلىش مەخسۇس رايونى تەسسىس قىلىدۇ، ئاممىۋى پاش قىلىش تېلېفونى 12377 ، مۇكاپاتلاش، جازالاش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر