- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


8 كۆزىتىش نۇقتىسىدا 12 مىڭ 759 كىشى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىندى
2014.06.23 20:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىللىق مەركەز 2-قېتىملىق كۆزىتىشىدىكى 10 كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ تۈزەش دوكلاتى ئېلان قىلىندى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە يۈننەن ئۆلكىسىدىن باشقا، 8 كۈزىتىش نۇقتىسىدا جەمئىي 12 مىڭ 759 كىشى بىرتەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ نازارەت-ئىدارە دەرىجىلىك 68 كادىر بار بولۇپ، جەمئىي 128 كىشى قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تۈزەش دوكلاتى دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشكە چېتىلمىغان؛ يۈننەن ئۆلكىسى 754 دېلو تۇرغۇزغان، بۇنىڭ ئىچىدە 8 دېلو نازارەت-ئىدارە دەرىجىلىك كادىرلارغا چېتىشلىق ئىكەن، بىراق بىرتەرەپ قىلىنغانلارنىڭ ئېنىق سانى ئاشكارىلانمىدى.
2013-يىللىق مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2-قېتىملىق كۆزىتىش خىزمىتى ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلانغان بولۇپ، 2 ئاي داۋاملاشقان. بۇ يىل 2-ئايدا مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئارقا-ئارقىدىن كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلىنغان 10 جاي، ئورگانغا كۆزىتىش نەتىجىسىنى مەلۇم قىلغان.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر