باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقتىكى قوراللىق توقۇنۇش داۋاملاشماقتا

2014.06.23 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ خەۋەردار ئەربابىنىڭ 21-ئىيۇن ئاشكارىلىشىچە، ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار شۇ كۈنى چېگرا ئىچىدىكى نۇرغۇن جايلاردا توقۇنۇشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىراق ھۆكۈمىتى باغداتنىڭ شىمالىغا 50مىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلاپ، سۈنئىي مەزھىپىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى»گە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان. 21-ئىيۇن ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلىرى غەربتىكى ئەنبار ئۆلكىسى ۋە شەرقتىكى دىيارا ئۆلكىسى قاتارلىق جايلاردا شىددەتلىك جەڭ قىلغان. ئەنبار ئۆلكىسىدىكى ئارمىيە تەرەپ ئەربابىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رادىكال تەشكىلات «ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار 20-ئىيۇندىن باشلاپ ئىراق بىلەن سۇرىيە چېگراسىدىكى قەيۇم شەھىرىدە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلغان، جەڭ بىر كۈن داۋاملاشقان. ئاخىردا ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار قەيۇم شەھىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلغان، بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە قارالۋۇخانىلارنىمۇ قوراللىق ئۇنسۇرلار كونترول قىلىۋالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر