باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن ئېرلاندىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى(1)

2014.06.19 09:41   مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

ليۇ يۈنشەن ئېرلاندىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى(1)

  16-ئىيۇن، ليۇ ينۈشەن دۇبلىندا ئېرلاندىيە زۇڭتۇڭى خىگگىنس بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا تورى ، دۇبلىن ، 17-ئىيۇن تېلېگراممىسى : ئېرلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 15-ئىيۇندىن 17-ئىيۇنغىچە ئېرلاندىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى ، ئۇ ئېرلاندىيە پايتەختى دۇبىلىندا ئېرلاندىيە زۇڭتۇڭى خىگگىنس ، ئېرلاندىيە زۇڭلىسى ، بىرلىك پارتىيەسىنىڭ داھىيسى كېننى ، ئېرلاندىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋە سودا مىنىستىرى ، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى جىرمو قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى .

  ليۇ يۈنشەن زۇڭتۇڭ خىگگىنس بىلەن كۆرۈشكەندە ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خىگگىنسقا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى . ئۇ مۇنداق دېدى : جۇڭگو بىلەن ئېرلاندىيە مۇناسىۋىتى ئۇزاق مەزگىل ساغلام ، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، مەدەنىيەت جەھەتتە بىر-بىرىگە ئەينەك بولۇشتە كۆپ قاتلاملىق ئالاقە ۋەزىيىتىنى شەكللەندۈرۈپ ، ئوخشىمىغان زېمىن ، تۈزۈلمە ، تەرەققىيات باسقۇچىدىكى دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ، دوستانە ھەمكارلىشىشىنىڭ نەمۇنىسىگە ئايلاندى . مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئەينەك بولۇش دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا پايدىلىق . ئېرلاندىيە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ ، ‹‹سابۇن››، ‹‹يېتس ›› قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر جۇڭگو خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولغان . جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمۇ ئېرلاندىيە خەلقىگە پىششىق بولۇپ كەتتى . جۇڭگو تەرەپ ئېرلاندىيە تەرەپ بىلەن ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، جۇڭگو بىلەن ئېرلاندىيەنىڭ ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ .

  زىيارەت مەزگىلىدە ، ليۇ يۈنشەن دۇبلىن كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ، يەنە ياۋروپا رايونى كۇڭزى ئىنىستىتۇتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى . ئۇ يەنە شۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى . ليۇ يۈنشەن يەنە ئېرلاندىيە مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى ، شۇ يەرلىك كارخانىچىلار بىلەن پىكىرلەشتى ھەمدە ئېرلاندىيەدە مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولدى .

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئورنىغا ئادەم سالغۇچىنىڭ نەتىجىسىنى…
      ·ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تورۇبا يولىنىڭ C لىنىيەسىدە گاز توشۇش باشلاندى
      ·بېيجىڭ : ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ(1)
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سۇئالى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ
      ·دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى بېكىتىلدى
      ·شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا(1)
      ·قازاقىستان پارلامېنتى رۇسىيىنىڭ قازاقىستان چېگراسى ئارقىلىق جۇڭگوغا نېفىت ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىنى…
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئائىت كىتابلىرىنىڭ بازىرى ئىتتى…
      ·10 – ئىيۇن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ پىلانى ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ
      ·جياڭشى يىچۇەندىكى ھەقىقەت ئۈچۈن پىداكارلىق  قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئايرىم ئىمتىھان بېرىدۇ…