- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىتⅡ بىلەن كۆرۈشتى(1)
2014.06.19 09:27 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
17-ئىيۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ۋىندىسور قەلئەسىدە ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىتⅡ بىلەن كۆرۈشتى
شۇ يەر ۋاقتى 17-ئىيۇن سائەت 10:15 ئۆتكەندە ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئاستا-ئاستا مېھمانسارايدىن ئايرىلىپ ، لوندوننىڭ غەربىدىكى ۋىندىسور قەلئەسىگە قاراپ ماڭدى . بۇ قەلئە ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت Ⅱ ئارىلاپ كېلىپ ، تۇرۇپ كېتىدىغان جاي . ۋىندىسور قەلئەسىنىڭ لوندون شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر بولۇپ ، ئەنگىلىيەدىكى بەلگە خاراكتېرلىك گۈزەل جاي . ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىتⅡ ۋىندىسور قەلئەسىنىڭ ئاق رەڭلىك يىغىن زالىدا زۇڭلى لى كېچياڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى بىلەن كۆرۈشكەن ، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىتⅡ نىڭ 2-ئوغلى ، شاھزادە ئاندىرىمۇ كۆرۈشۈشتە بىللە بولغان . زۇڭلى لى كېچياڭ ۋىندىسور قەلئەسىگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ، قەلئە ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن .نۇرغۇن ساياھەتچى ھەربىي ئوركېستىر ئورۇندىغان مۇزىكىلاردىن بەھرلەنگەچ ، يىراقتىن لى كېچياڭنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر