20 – ئىيۇن رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ سانتپېتىربۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا قانۇن مۇنبىرىدە سۆز قىلدى. مېدۋېدېۋ شۇ كۈنىدىكى سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى جازالىشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نىزامىغا خىلاپ، بۇ رۇسىيەنىڭ تاشقى سودىسىغا ئەكىس تەسىر ئېلىپ كەلدى، رۇسىيە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۇنىڭغا رەددىيە بېرىدۇ، دېدى.