- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شېنجېندىكى بىر قاتناش ۋەقەسىدە 6 ئادەم قازا قىلدى
2014.06.24 08:30 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
شىنجېن قاتناش ساقچى تارمىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 21– ئىيۇن سائەت 0:50 لەر ئۆتكەندە، تاڭxx بەش كىشىلىك كىچىك ئاپتوموبىل ھەيدەپ شېنجېننىڭ نەنشەن رايونى لۇڭجىن يولىدا غەربتىن شەرققە قاراپ مېڭىۋېتىپ، گۇاڭچيەن كەنتى يول بۆلىكىگە كەلگەندە يول بويىدا توختاغلىق بىر چوڭ ئاپتوموبىل بىلەن سوقۇلغان، كىچىك ئاپتوموبىلدىكى 6 كىشى نەق مەيداندا قازا قىلغان. شېنجېن قاتناش ساقچى تارمىقىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، كىچىك ئاپتوموبىل شوپۇرى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر