22-ئىيۇن ، رۇسىيەنىڭ موسكىۋادا ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ 73 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى . 1941-يىلى 22-ئىيۇن ، گېرمانىيە فاشىسىتلىرى ‹‹ سوۋېت ئىتتىپاقى–گېرمانىيە ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى ›› نى يىرتىپ تاشلاپ ، نومۇسسىزلارچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا باستۇرۇپ كىرگەن ، شۇنىڭ بىلەن فاشىسىزىمغا قارشى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى پارتلىغان . رۇسىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 22-ئىيۇننى ‹‹ خاتىرىلەش ۋە ماتەم بىلدۈرۈش كۈنى ›› قىلىپ بېكىتكەن .