باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نوپۇس ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت قىيىن ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

2014.06.23 20:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنىدا، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا قارىتا ئومۇمىي سىياسىي تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىشتاتلىق بازار ۋە كىچىك شەھەرلەردە نوپۇس ئورنىتىش چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىش، ئوتتۇرا شەھەرلەردە نوپۇس ئورنىتىش چەكلىمىسىنى تەرتىپلىك قويۇۋېتىش، چوڭ شەھەرلەردە نوپۇس ئورنىتىش شارائىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇس كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلىش، شەھەر-بازارلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بار دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىنى تەرتىپلىك ھالدا شەھەر ئاھالىسىگە ئۆزگەرتىش، شەھەر-بازار ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئىلگىرى سۈرۈش شەكلى: نوپۇس ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭ تۇتۇش

  يېقىنقى يىللار مابەينىدە، جايلاردا نوپۇس ئىسلاھاتىغا ئائىت يېڭى سىياسەتلەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇردى. بىۋاسىتە نوپۇسقا ئىجازەت بېرىش ئىسلاھاتىمۇ بار ھەم يەرلىكنىڭ نوپۇس تەۋەلىكى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق جەھەتتىكى پەرققە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغانلىرىمۇ، ۋاسىتىلىك تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلغانلىرىمۇ بار.

  ھازىر ئۆي سېتىۋېلىپ نوپۇسقا ئېلىش، ئۆي ئىجارە ئېلىپ نوپۇسقا ئېلىش بولسۇن ياكى نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىش بولسۇن، كۆپ جايلاردا نوپۇس يۆتكەشكە ئىجازەت بېرىش شارائىتى ئېچىۋېتىلدى. جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇيى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش ئەترىتى 1-چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇ لىنۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ۋۇيى شەھىرىدە نوپۇسنى ئىجازەتلىك تىزىملاش، يۆتكەش بەلگىلىمىسىنى «بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» يولغا قويۇلدى، 6-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە پۈتۈن شەھەر بويىچە 1814 كىشى چوڭ شەھەرگە نوپۇس يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىردى، 9899 كىشى نوپۇس ئىجازىتى يېڭى سىياسەت بويىچە ۋۇيى شەھىرىدە نوپۇسىنى ئورناتتى. لېكىن شەندۇڭنىڭ زىبۇ، دېجوۋ قاتارلىق شەھەرلىرىدە نوپۇس ئورنىتىش شارائىتى «تۇرالغۇ ئۆيى بولۇش»تىن «تۇرىدىغان ئۆي بولۇش»قا ئۆزگەرتىلىپ، «مۇقىم تۇرمۇش كىرىمى بولۇش» شەرتى بىلەن ئۆي ئىجارە ئېلىپ نوپۇس ئورنىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، شەرت تۆۋەنلىتىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر