- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


زامبىيە پىرېزىدېنتى ساتا لى يۈەنچاۋ بىلەن كۆرۈشتى
2014.06.23 08:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
زامبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى، ۋەتەنپەرۋەرلەر فرونتىنىڭ رەئىسى ساتا 19-ئىيۇن لوساكادا تەكلىپكە بىنائەن زىيارەتتە كەلگەن جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى لى يۈەنچاۋ بىلەن كۆرۈشتى.ساتا مۇنداق دېدى: سىز بۇ قېتىم زامبىيەدە ۋاقتىدا زىيارەتتە بولدىڭىز. جۇڭگو خەلقى بىزنىڭ ياخشى دوستىمىز، ياخشى قېرىندىشىمىز. زامبىيە تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ زامبىيەگە مەبلەغ سېلىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، زامبىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ.
لى يۈەنچاۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن زامبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن زامبىيە ۋەتەنپەرۋەرلەر فرونتى ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو زامبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر