باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىشنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق

2014.06.20 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، غالىپجان ئوسمان خەۋىرى: خىزمەت ئەترىتى كەلمىگەن بولسا ئۆيۈمنى بۇ يىل پۈتتۈرۈشكە كۆزۈم يەتمەيتتى، دولقۇن ئابلىز شىياۋ جاڭغا ئەھۋالىمنى ئېيتقاندىن كېيىن، يول مېڭىپ 30 مىڭ دانە خىش، 15 توننا سېمۇنت، 800 كىلوگرام پولات چىۋىق ھەل قىلىپ يەتكۈزۈپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى تام قۇرۇلۇشىنى باشلىغان، يەر تەۋرەشكە چىداملىق مانا مۇشۇ 92 كۇۋادىرات مېترلىق ئۆينى پۈتكۈزۈپ كۆچۈپ كىرىۋالدىم:-دېدى 1-مەھەللە ئەزاسى تۇردى ئەيسا مەمنۇنىيەت بىلەن بىزگە.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن يېزا ئىگىلىك 1-دېۋىزىيە ئارال شەھىرى، 12-تۇۋەن، ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىئۇ-كىنو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن تەشكىللەنگەن «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى يەتتە ئادەم 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئونسۇ ناھىيە قىزىل بازىرىغا قاراشلىق غوللۇق كەنتگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش بىلەن بىرگە، بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە كەنتتىكى 192 ئائىلىگە كىرىپ، ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى كونكرېت ئىگىلىگەن ھەم كەنتنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىققان، تېلېفون نومۇرلىرىنى ئاشكارلاپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالغان.

  ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا تۇردى ئەيسا قاتارلىق بەش ئائىلىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئۈستى ئېچىۋېتىلگەنلىكى، ئىشىك-دېرىزىلىرىنىڭ قومۇرۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ سۈرۈشتە قىلدى، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئۆيلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئولتۇرۇق ئۆي ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى، شۇڭا يېڭىلاپ سېلىش تەلىپى بويىچە خىزمەت ئەترىتىمىز بىر دوكلات تەييارلاپ، مەن مەسئۇل بولۇپ، يېزىلىق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق بۇ بەش ئائىلىگە ئۆلچەم بويىچە بېرىلىدىغان قۇرۇلۇش ماتېرياللىرىنى ھەل قىلىپ يەتكۈزۈپ بەردىم ، بۇ ھازىر بەش ئائىلە ئۆيىنى پۈتكۈزۈپ، يېڭى ئۆيگە كۆچىۋالدى:-دېدى خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئابلىز.

  كەنتىمىزدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار 190 دىن كۆپرەك بولۇپ، بۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى ئىزچىل جانلاندۇرۇلماي كەلگەن ئىدى، دولقۇن ئابلىز شياۋ جاڭ بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، مۇناسۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنت قوروسى ئىچىگە 900 كۇۋادىرات مېتر كۆلەمدە مەدەنىي-مەشغۇلات، تەنتەربىيە پائالىيەت مەيدان قۇرۇلقشى قىلدۇرۇپ بېرىپ، كەنتىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا ئاساس سېلىپ بەردى. بۇ كەنتتە مەدەنىي-مەشغۇلات پائالىيىتى يوق دىيەرلىك بولۇپ، ياشلار بوش ۋاقىتلىرىدا ھاراق ئىچىدىغان، قىمار ئويناپ قانۇن -تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىدىغان ئەھۋالنىڭ ناھايىتى قويۇقلۇقىنى كۆرۈپ يەتكەن دولقۇن ئابلىز بۇ خىل ئەھۋالنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە بىر دوكلات تەييارلاپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا تەستىقلىتىش ئارقىلىق 60 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، بىر تەنتەربىيە پائالىيەت سورۇنى قۇرۇلۇشى قىلدۇرغان ھەم 25 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ئەينەك تاختىلىق گار قاتارلىق تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى سەپلىگەن، بۇنىڭ بىلەن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كۈنىگە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 40 تىن 50 كىچە ياشلار كەنت قوروسى ئىچىگە يىغىلىپ تەنتەربىيە ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كېلىۋېتىپتۇ، شۇنداقلا 6-ئايغا قەدەر ئىككى قېتىم كەنتتە چوڭ كۆلەملىك ۋاسكىتبول، ئارقان تارتىشىش، تەپكۈچ تېپىش مۇسابىقە پائاليىتىنى ئويۇشتۇرۇپ بەرگەن، ئىككى قېتىم قۇشنا كەنت ۋە ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانىدىن كەلگەن تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرى بىلەن مۇسابىقە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى جەھەتتە ئېچىرقاش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تەنتەربىيە پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «تارىم» ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى، ئونسۇ ناھىيەلىك «تۆمۈر چوقا» ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى ۋە ناھىيە تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن خەلق سەنئەتكارلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تۆت مەيدان سەنئەت ئويۇنلىرىنى، ئۈچ مەيدان قىزىل كىنو قويدۇرۇپ بەردىم، ناھىيەلىك كىنو قويۇش مەركىزى بىلەن كۆرۈشۈپ قويدۇم، پات يېقىندا كىنو قويۇش ئاپاراتى ئارىيەت ئېلىپ، يىل ئاخىرغىچە غوللۇق كەنت ئاھالىلىرى ۋە قوشنا كەنت ئاھالىسىگە ھەپتىسىگە ئۈچ قېتىم كىنو قويۇپ بەرمەكچىمەن :-دېدى دولقۇن ئابلىز.

  ئىگىلىشىمىزچە، خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق نومۇرى ماس كەلمىگەن ئۈچ ئادەمنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كىنىشكىسىنى ھەل قىلدۇرۇپ بەرگەن، داۋالىنىش پۇلىنى ئاتچوت قىلدۇرالماي كەلگەن ئىككى ئادەمنىڭ 1500 يۈەن داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرۇپ بەرگەن، نىكاھتا كېلىشەلمەي ئاجىرشىپ كېتىش دەرجىسىگە بېرىپ قالغان بەش جۈپ ئەر-خوتۇننى قايتا-قايتا كۆپلەپ مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نېكاھ مۇناسۋىتىنى ساقلاپ قېلىپ، ئائىلىسىنىڭ بۇزۇلۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ تىرىك يىتىم بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان، تاشقى زەخمە تۈپەيلى مېيىپ بولۇپ قالغان ئۈچ ئادەمنىڭ يولىنى مېڭىش ئارقىلىق بۇلارغا مېيىپلىق كىنىشكىسى ھەل قىلىپ بەرگەن، ناھىيەلىك زىمىن بايلىقى ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئۆي سېلىپ ئولتۇرۋاتقان، ئەمما ئۆي خېتى بېجىرىلمىگەن 33 ئائىلىگە تام ئۆي بېجىرگۈزۈپ بىرىپ، ئۇلارنى بۇ جەھەتتىكى غەمدىن خالاس قىلغان، خىزمەت ئەتىرتى خادىملىرى ئۆز يېنىدىن 1000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل ئىئانە قىلىپ جۇغلاش ئارقىلىق 12 نەپەر تۆت خىل پىشقەدەملەردىن ھال سوراپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكىرى يەتكۈزۈپ بەرگەن، 50 قۇر كىيىم ئېلىپ كېلىپ، 27 نامرات ئائىلىگە يەتكۈزۈپ بېرىپ، تۆت خىل پېشقەدەملەر ۋە نامراتلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئۇلارغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزگەن.

  مەكتىپىمىزدە ئوقۇتقۇچىلار جوزىسى، ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرىدىغان پارتا، ئورۇندۇقلار ناھاىىتى كونىراپ كەتكەن بولۇپ، رېمۇنت قىلىش ئىمكانىيىتى قالمىغان ئىدى، بۇ ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن خىزمەت ئەترىتىدىكى يولداشلار يېقىندا مەكتىپىمىزگە 50 دانە جوزا، 100 دانە ئورۇندۇق، ئىككى دانە كومپىيۇتېر ئەپكىلىپ بېرىپ، ئوقۇتۇش شارائىتىمىزنى ياخشىلىشىمىزغا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارغا 600 دانە دەپتەر، 90 تال قەلەم ياردەم قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلەرنى خاتىرلەش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى ، دېدى غوللۇق كەنت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ھاكىمجان مىراۋۇت بىزگە.

  خىزمەت ئەترىتى كەنتكە چۈشكەندىن بۇيان، كەنت ئەزالىرىنى بىر يەرگە يىغىش، ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا ئەزالارنى پارتىيەنىڭ يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلارغا دائىر سىياسەتلىرى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە ۋە ئىزچىل ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تونۇشىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق كەنتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا پۇختا ئاساس سالغان، تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ، ئىجراسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق كەنتنىڭ جەمىئيەت مۇقىملىقى، ئائىلىلەرنىڭ تېنىچ-ئىتتىپاقلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالغان. كەنتىمىز ئۈچ مەھەللىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، 192 ئائىلە، 870 نوپۇس بار، ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلەم 6500 مو بولۇپ، تېرىلغۇغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ قىس بولۇش سەۋەپلىك تېمىتىپ سۇغۇرۇشنى يولغا قويغان بولساقمۇ ئۈنۈمى دېگەندەك بولمىغان ئىدى، خىزمەت ئەترىتىدىكى يولداشلار بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، بۇزۇلۇپ ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىككى قۇدۇقنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن ئىككى قۇدۇق قازدۇرۇپ بېرىپ، 1200 مو يەرنى ئۈنۈملۈك سۇغۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ بەردى:-دېدى مۇھەممەت موللىنىياز.

  زىيارەت قىلىش، ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى ھېلىھەم قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئارال شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن بىر گۇرۇپ تىببى خادىملارنى كەنتكە ئېلىپ كېلىپ، 250 چە دېھقاننىڭ كېسىلىنى كۆرۈشنى تەشكىللىدۇق، ھەم بۇلارغا 3000 يۈەندىن يۇقىرى قىممەتتە ھەقسىز دورا بېرىپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەمدە بولدۇق ، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى 1500 يۈەن پۇل يىغىش قىلىپ، ئاقسۇ شەھىرىدىن ساغلام بولغان ئوقۇغۇچىلار يېمەكلىكى سېتىۋېلىپ ، خەلقئارا بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىپ، بالىلار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىگەن، كەنت، مەھەللە كادىرلىرى، 10 ئائىلە باشلىقلىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋە كىللىرى، دىني زاتلار، ئالدىن بېيىغان دېھقانلاردىن بولۇپ، 28 ئادەمنى تەشكىللەپ، 4000 يۈەن چىقىم قىلىپ، بۇلارنى 12-تۇۋەننىڭ دېھقانچىلىق، باغ-ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئىجىتمائى ئىشلار قاتارلىق كۆپ ساھە خىزمەتلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرغان.

  ئېكىسكۇرسىيەنىڭ ئۈنىۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى، ئېكىسكۇرسىيەدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ باشلامچىلىقىدا زىرائەت، باغ-ئورمانچىلىق قاتارلىقلاردا تېخنىكا بويىچە باشقۇرۇش، بېقىش قەدىمى يەنىمۇ تېزلىتىلدى. تۇردى ئەيسانىڭ ئىشىكىدە ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا «مېھر-مۇھەببەتنىڭ چېكى يوق» دېگەن بىر ۋاراق قەغەزگە كۆزۈمىز چۈشۈپ قالدى، «مەن ئازغىنە مېھر-مۇھەببىتىمنى سىلەرگە يەتكۈزەي، جىددى كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا بېرىشتا قاتناشقا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، ھەر ۋاقىت سىلەر ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىمەن، غوللۇق كەنت خىزمەت ئەترىتىدىن دولقۇن ئابلىز».
يۇقىرىقى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ خەت ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر