باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىڭ جيەنجۇ 5-نۆۋەتلىك بىخەتەرلىك ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەرنىڭ خەلقئارالىق يىغىنىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى

2014.06.23 08:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مىڭ جيەنجۇ 19-، 20-ئىيۇن رۇسىيىنىڭ قازان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك بىخەتەرلىك ئىشلار بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەرنىڭ خەلقئارالىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىشتىن ئىبارەت باش تېمىدا سۆز قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشتى. مىڭ جيەنجۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تېررورلۇق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. خەلقئارا جەمئىيەت ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، خەلقنىڭ ھاياتى مال-مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدىشى كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىنى ئەسەبىيلىك تېررورلۇقنى يېتىلدۈرىدىغان تۇپراق، خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، قاتتىق ئالدىنى ئىلىپ، دىنى ئەسەبىيلىككە قاتتىق زەربە بېرىپ، تېررورلۇقنىڭ تۈپ يىلتىزىنى ئەڭ زور چەكلىمىدە تۈگىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر