- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەلقئارا جەمئىيەت زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئەنگلىيەگە قىلغان زىيارىتىگە يۇقىرى باھا بەردى
2014.06.23 08:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 16-ئىيۇندىن 19-ئىيۇنغىچە ئەنگلىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى. زىيارەت مەزگىلىدە لى كېچياڭ ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى ئەربابلار بىلەن كەڭ دائىردە كۆرۈشتى. ئەنگلىيەنىڭ ئەقىل ئىسكىلاتىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى ھەمدە جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، ئېنېرگىيە، ئاساسىي مۇئەسسئەسسە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، بۇ جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ۋە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.
ئەنگلىيەلىك يازغۇچى مارتىن ياك مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ نۇتقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى ئىنتايىن پارلاق.
ياۋروپا خەلقئارا سىياسىي ئىقتىسادىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق ئىقتىسادىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئېركىسۇن مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرسىدىكى سودا ۋە ئىقتىساد مۇناسىۋىتىگىمۇ تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان قوش نەپ يەتكۈزىدىغان ئاساس سالدى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشىدا ھەمكارلىشىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى.
گېرمانىيە تاراتقۇلىرى 18-ئىيۇن ئوبزور ئېلان قىلىپ، لى كېچياڭنىڭ زىيارەت كۈن تەرتىپىدە ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى ئىلزابىت ئىككىنچى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىغا دىققەت قىلىنىپ، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى گەۋدىلەندى، دەپ ھېسابلىدى.
ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا قوشما شتات ئاگېنتلىقى، رېيتىر ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاگېنتلىقى ۋە ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى تور بېكىتى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىم ئەنگلىيەگە قىلغان زىيارىتىگە كۆڭۈل بىلىپ ۋە بۇ قېتىمقى زىيارەتنى خەۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ياۋروپاغا بولغان تەسىر كۈچىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئاشقانلىقىنى كۆرسەتتى، دەپ ھېسابلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر