- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لىۋىيە خەلق قۇرۇلتىيى سايلىمىغا چەتئەللەردە ئاۋاز بېرىش باشلاندى
2014.06.23 08:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لىۋىيە خەلق قۇرۇلتىيى سايلىمىغا چەتئەللەردە ئاۋاز بېرىش 21-ئىيۇن رەسمىي باشلاندى، چەتئەللەردىكى 11 مىڭدىن ئارتۇق سايلىغۇچى ئىككى كۈن ئىچىدە يەر شارىدىكى 13 دۆلەتتىكى ئاۋاز بېرىش پونكىتلىرىدا ئاۋاز بېرىدۇ.
لىۋىيە ئالىي دۆلەت سايلام كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 21، 22- ئىيۇن-بۇ قېتىمقى لىۋىيە خەلق قۇرۇلتىيى سايلىمىغا چەتئەللەردە ئاۋاز بېرىش ۋاقتى بولدى، سايلىغۇچىلار مىسىر، تۇنىس، مالايسىيە، ئىتالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 13 دۆلەتتىكى 22 ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا ئاۋاز بېرىدۇ.
لىۋىيە خەلق قۇرۇلتىيى سايلىمى بۇ يىل 25-ئىيۇن رەسمىي ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ-2011-يىلى كازافىي ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان، لىۋىيەنىڭ 2-قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر