باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە روزىغار مەھسۇلات مىقدارى 12 تىرىليون 800 مىليون يۈەنگە يەتتى

2014.06.23 08:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەن گوڭشېڭ 21-ئىيۇن مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، ئېلىمىزنىڭ روزىغار مەھسۇلات بازىرىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولدى، 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، روزىغار مەھسۇلاتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 12 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يەتتى. جىنجيالىڭ بايلىق مۇنبىرىگە قاتناشقان پەن گوڭشېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇرۇن پۇل مۇئامىلىنىڭ جەمئىيەت بايلىقىنى قانداق يۈرۈشتۈرۈپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىغا مۇلازىمەت قىلىشى تەكىتلەنگەن ئىدى، شۇڭا تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشتا بانكىنى ۋاسىتە قىلىپ، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن مەبلەغ، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تۆۋەن تەننەرخلىق مەبلەغ بىلەن ئۈزمەي تەمىنلەش گەۋدىلەندۈرۈلگەن، لېكىن ئاھالىلەر بايلىقىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا بەك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن ئىدى. پەن گوڭشېڭ مۇنداق دېدى: شۇنى ئالدىن مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئېلىمىز يەنىلا ئىقتىساد بىر قەدەر تېز ئېشىش ھەم بايلىق تېز سۈرئەتتە جۇغلىنىش مەزگىلىدە تۇرىدۇ، پۇقرالارنىڭ بايلىقىنى قانداق قىلىپ ياخشى باشقۇرۇپ، ئاممىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۈلۈكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش-كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش، پۇقرالارنىڭ بايلىقىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات تىپىنى ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پۇل مۇئامىلە مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى يەنە مۇھىم ئىقتىساد، جەمئىيەت مەسىلىسىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر