2014-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بولسا تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى-يىڭلاكنىڭ 47 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يىڭلاك ئوغلىنى ئېلىپ تۇرۇشلۇق ئورنىغا يېقىن جايدىكى BengThongLang بۇتخانىسىغا كېلىپ، بۇ يەردە تايلاندنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە بۇتقا تەزىم قىلىش ھەم سەدىقە بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلۇقلىغان. بۇ تايلاندتا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، سابىق زۇڭلى يىڭلاكنىڭ تۇنجى قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايەن بولۇشى بولۇپ، بۇ كۈنى يىڭلاكنىڭ بۇتخانىغا كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىشقان نۇرغۇن پۇقرالار بەس-بەستە بۇتخانىغا كېلىپ يىڭلاكنى ساقلىغان ھەم گۈل سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن.