باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

‹‹ خامان ئالماق ، شەھەر ئالماق ›› كەلمەسكە كەتتى(1)

2014.06.20 16:17   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

‹‹ خامان ئالماق ، شەھەر ئالماق ›› كەلمەسكە كەتتى(1)

  سۈرەتتە يۇقىرىس كەنتىدىكى بۇغداي ئورۇش مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

  كەلپىن ناھىيە يۈرچى يېزا يۇقىرىس كەنت 7–مەھەللىسىدىكى غوپۇر توختى 17–ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن كومبايىندا بۇغداي يىغقاچ مۇخبىرغا : بىزدە ‹‹ خامان ئالماق ، شەھەر ئالماق ›› دېگەن گەپ بار ، بۇ ، ئىلگىرى يىلدا بىر كېلىدىغان يازلىق يىغىمدا ئورما ئورۇش ، ئۆنچىنى خامانغا توشۇش ، قۇرۇتۇش ، خامان تېپىش ، بۇغداي سورۇش ، توشۇش قاتارلىق جاپالىق ئىشلارنى باشتىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . ئامما بۈگۈنكە كۈندە ، بۇ ئەمگەكلەرنى كومبايىن بىرنەچچە سائەتتىلا تاماملايدۇ ، ‹‹ خامان ئالماق ، شەھەر ئالماق ›› كەلمەسكە كەتتى ، دېدى .

  كەلپىن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەخمۇت ئەيسانىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە ، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋالغان دېھقانلارغا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ناھىيە بويىچە دېھقان-چارۋىچىلار سېتىۋالغان چوڭ–كىچىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ سانى 1450 دىن ئاشقان ، چاتما سايمان سانى 1900 دىن ئاشقان . بۇنىڭ بىلەن بۇ يىل ناھىيە بويىچە بۇغداي ئورۇشنىڭ ماشىنىلىشىش نىسبىتى %90 دىن ئېشىپ ، يىللاردىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان .

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز